ماقال-تەمسىل
ماقال-تەمسىل
ئاستا سۆزلىگەن كىشىنىڭ ئامالى كۆپ
باش ئامان بولسا دوپپا تېپىلار
ئۆيۈڭدىكى ئەھۋالنى قوشناڭدىن سورا
بۆرىنىڭ تەڭ ئورتاق قاغىنىڭ دەرەخ بېشىدا
بېرىپ يامان بولغۇچە بەرمەي يامان بولغان ياخشى
بىر ئاتا ئون بالىنى باقار ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماس
دوست نامراتلىقتا بىلىنەر
ئۆگەنمىگەن ئەر ـــ تېرىلمىغان يەر
ھۈنىرى يوق ئادەم ـــ مېۋىسىز دەرەخكە ئوخشاش
ئادەم كۆڭۈلدىن سەمرىيدۇ
يەرنى ئالدىغاننىڭ تاغىرى قۇرۇق
كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس
بىلىمسىز ئادەم ـــ دېرىزىسى يوق ئۆيگە ئوخشايدۇ
جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا
ئورۇنسىز غەزەپ ئۆزۈڭگە ئازاب
بىر ئارزۇ ئون ئارزۇنى تۇغىدۇ
ئەر ئارىسىز بولماس يىگىت يارىسز
ئارقامدىن دېگەنلەر تىزگىنى يېگەنلەر
مۇزاينىڭ يۇگرىشى سامانلىققىچە
ھاياتتىكى چاتاق ئىش ئۆزى ئەڭ سۆيىدىغان كىشىنى يوقىتىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى بىرسىنى سۆيۈش ئۈچۈن ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش.